ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 2014-يىلدىكى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىنىڭ زوراۋانلىق ۋە دىنىي رادىكاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2015.01.22
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
خىتاينىڭ« شىنجاڭ خەۋەرلەر» تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئېلان قىلغان 2014-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىدىن نەقىل ئېلىنىپ، بۇلتۇر ھەرقايسى تارماق سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان دېلولارنىڭ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، دىنىي رادىكاللىق، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بومبا ياساش، چېگرانى بۇزۇپ قېچىش قاتارلىق ئاتالمىش «تۆت خىل جىنايەت» كە مەركەزلەشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە «28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا سوقۇلۇش ۋەقەسى»، «22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى»، «يەكەن 28-ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى»، «قەشقەر 30-ئىيۇل ھېيتگاھ ئىمامىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى» قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە بۇ خىل ۋەقەلەردە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان «دىنىي رادىكاللىق» ئىدىيىسىنى تارتقاتقانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە رايوندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى»گە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.