سودا بازىرىغا ئېسىلغان «دىنىي كەيپىياتنى يوقىتىش» ھەققىدىكى لوزۇنكا تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.10.02

قەشقەردىكى بىر سودا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان ئۇيغۇر، خىتاي يېزىقلىرىدىكى «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى يوقىتىش» ھەققىدىكى لوزۇنكا تور بەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

«ئۇيغۇربىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لوزۇنكىنىڭ خىتايچىسى «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇپ، مەدەنىي شەھەر ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى» دەپ يېزىلغان. لېكىن ئۇيغۇرچىغا «دىنىي كەيپىياتنى يوقىتىپ، مەدەنىي شەھەر ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ قەستەن شۇنداق يېزىلغانلىقى ياكى تەرجىمىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكى مەجھۇل.

بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئاشكارا بوغۇپ، دىنىي باستۇرۇشنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر لوزۇنكىنى 29-سېنتەبىر قەشقەردىكى بىر تورداش رەسىمگە تارتىپ، خىتاي مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان. بۇ تورداش لوزۇنكىنىڭ قايسى سودا بازىرىغا ئېسىلغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ توردا مۇنازىرە قوزغىغان. بەزى تورداشلار بۇ لوزۇنكىنى تەنقىدلەپ، بۇ دائىرىلەرنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن.

لېكىن بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى قېتىم بۇل خىل لوزۇنكا ئېسىشى ئەمەس. دائىرىلەر 2011-يىلى 12-ئايدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭ مەھەللە ئاھالىلەر رايونىدا دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇپ، ساغلام مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، پىچان قاتارلىق جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە خىتاينىڭ بۇ خىل دىنىي سىياسىتى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.