جۇ خەيلۈن: «دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.02

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن يېقىندا چاقىرىلغان بىر يىغىندا كومپارتىيەنىڭ دىنغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ سۆزى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 6‏-نويابىر كۈنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلىسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلقئارانىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئۇنىڭدىكى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاشتەك جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن خورلىشىنى دەرھال توختىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ خورلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي، روھىي زىيانلىرىنى تۆلەش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

لېكىن، جۇ خەيلۈن 31-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بىرلىكسەپ، مىللىي-دىنىي ئىشلار ۋە «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» كادىرلىرىغا ئاچقان دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، دىننى خىتايلاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۇ خەيلۈن يىغىندا: «باشتىن ئاخىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلىشىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىش تۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە، ئىسلام دىنىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىققا ئالاقىدار تەلىملىرىدىن پايدىلىنىشنى، دىنىي زاتلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

جۇ خەيلۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسىنىڭ بۇ يىل يازدا پرېزىدېنت ترامپقا يازغان مەكتۇپىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالغان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.