دىسنىي كارتون فىلىم شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ ئالى بابا شىركىتىنىڭ تور ھەمكارلىقى بۇيرۇق بىلەن توختىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.26


ئامېرىكىنىڭ «ۋال ستېرت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشى دىسنىي كارتون فىلىم شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ ئالى بابا شىركىتىنىڭ تور ھەمكارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22 - ئاپرىل كۈنى ئالما شىركىتى بايانات بېرىپ، شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىككى چوڭ مۇلازىمىتى يەنى ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە كىنو مۇلازىمىتىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ تاقىلىشىغا خىتاي دۆلەتلىك نەشرىيات، كىنو - تېلېۋىزىيە باش نازارەت ئىشخانىسى بىلەن خىتاي سودا - سانائەت ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قائىدىلىرى» دە بەلگىلەنگەن يېڭى نىزاملار سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل كىنولىرى ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرىنى چەكلەش بۇيرۇقلىرى بۇلتۇر باشلانغان بولۇپ، ئالما شىركىتى خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ توختىشىغا «دائىرىلەرنىڭ ئالما شىركىتى تەرىپىدىن سېتىلغان ئېلېكترونلۇق كىتابلار ۋە كىنولارنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلغان كونتروللۇق سەۋەب بولغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئالى بابا شىركىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىسنىي كارتون فىلىم شىركىتىنىڭ توردىكى مۇلازىمىتىنىڭ توختىشىغىمۇ ئوخشاش ئامىللار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.