ئانالىزچىلار: خىتاينىڭ دولان مەدەنىيىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پارچىلاش غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ
2021.01.13
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت زوراۋانلىقى خىلمۇ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي بىر ياقتىن خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولسا، بىر ياقتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا.
13-يانۋار «ئاقسۇ گېزىتى» دە بېرىلگەن بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ئاۋاتتىكى دولان مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، «خىتاي دولان مەدەنىيىتى ماكانى» قۇرۇپ چىقماقچى ئىكەن.
بۇ خىتاي ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دولان ئايرىم بىر مەدەنىيەت، ئايرىم بىر ماركا بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكتىن تارتىپ نەغمە-مەشرەپكىچە باشقا مەدەنىيەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن، «دولانلىقلار» نىڭ ئۆرپ-ئادىتى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمىغاچقا ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرالايدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، «دولان مەنزىرە رايونى»، «دولان مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزى» نى قۇرۇپ چىققان، ئۇ يەنە «دولان مۇسەللىسى» نى خىتايدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ھىيلىسى ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ، «ئالتە شەھەرلىك» بىلەن «تارانچى» نى ئىككى مىللەت قىلىپ كۆرسىتىش، يەكەندىكى بىر قىسىم شىئە مەزھىپىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەسچىت سېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش ھەمدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەزھەپلەر توقۇنۇشىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە يول قويۇش، رايونلار ئارا مەدەنىيەت پەرقىنى كۆپتۈرۈپ، ئايرىم مەدەنىيەت قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىقلار بۇنىڭ مىساللىرى ھېسابلىنىدىكەن.