ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.09

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-يانۋار چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەلىرىدىن بولغان ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىدا كېلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ قانۇننىڭ يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ-تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇسخىسى ئۈستىدە ئىشلىگەنلىكىنى، ئاۋازغا قويۇلغان تەقدىردە ئاۋام پالاتادىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ۋەكىللەرنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە كېڭەش پالاتادىنمۇ ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان مەزگىلدە خىزمەت تەرتىپى سەۋەبلىك 12‏-ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلماي، 2020-يىلىغا قالغان ئىدى.

ماركو رۇبىيو يېقىندا ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشقاندىمۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېزلىك بىلەن ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.