ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى سودا بىلەن باغلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.14

خوڭكوڭدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ پارتلىشى ۋە دائىرىلەرنىڭ نامايىشچىلارغا زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قايتا قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، خوڭكوڭدا دېموكراتىيە، مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكانىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى ئورتاق تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئالاھىدە سودا مۇناسىۋىتىنى ئۇنىڭ سىياسىي ئاپتونومىيە ئەھۋالىغا باغلاش تەلەپ قىلىنغان.

خوڭكوڭ خەلقى 9‏-ئىيۇن كۈنى بىر مىليون كىشىلىك نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى تۇرغان.

نامايىش 12‏-ئىيۇن كۈنى توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارغا زورلۇق كۈچ قوللانغان.

«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسىدە «خوڭكوڭدا ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇشقا بولغان ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەيدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 1‏-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەلەپ قىلىنغانىدى. «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭ دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسىدە ھەر يىلى خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ئەھۋالىنى باھالاپ، بۇنىڭ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاھىدە سودا مۇناسىۋىتىگە لايىق ياكى لايىق ئەمەسلىكىنى قارار قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، چۈنكى بۈگۈن خوڭكوڭدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.