ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.20

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى 26‏-ئىيۇل كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، تەقىبلەش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە ژۇرنالىستلاردىن گۇۋاھلىق ئالىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى: تەقىبلەش، باستۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق ساقچى دۆلىتىنى قۇرۇشى ۋە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشقا دائىر سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

مەزكۇر كومىتېت باياناتىدا، «ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مەدەنىيىتى قورقۇنچلۇق چەكلىمىگە ۋە دىگىتال تەقىبلەشكە ئۇچراپ، يۈز تونۇش ئاپپاراتى ئورنىتىش، قول تېلېفون تەكشۈرۈش، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش قاتارلىق ساقچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە، بىر مىليوندەك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى، بۇ لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ گۈلچېھرە خوجا، ئامېرىكا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان تۇم، «خىتاي ئارخىپى» ناملىق تور بېتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئانالىزچىسى جېسىكا باتكې گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.