ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى جوۋ بايدېننى ئۇيغۇر مەسىلىسنى خىتاي بىلەن بولىدىغان كېلىمات سۆھبىتىگە قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-30
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولىدىغان كېلىمات سۆھبىتىگە قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى.

«فىلورىدا كۈندىلىكى» گېزىتىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس پرېزىدېنت جوۋ بايدننغا خەت ئەۋەتىپ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات مەسىلىسىگە تەيىنلىگەن ئالاھىدە ئەلچىسى جون كەررىينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىگە قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە جون كەررىي بىر قېتىملىق ئاخبارات زىيارىتىدە «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىنى تاللىغانلىقى» ھەققىدە سورالغان سۇئالغا «ھايات دائىم قىيىن تاللاشلارغا تولغان بولىدۇ، بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دائىم مۇشۇنداق تاللاشلار بولىدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە سوئال سورالغاندىمۇ «شۇنداق، بۇ يەردە بىر قاتار ئوخشىمىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ پىلانېت چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك،» دېگەن جاۋابنى بەرگەن ئىدى.

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندىلەر پرېزىدېت جوۋ بايدېنغا يازغان خېتىدە، جون كەررىينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق بايانلارنى بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مەكتۇبىدا: «جون كەررى ئەپەندىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتايدا يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى بىزنىڭ كۈچلۈك دىققىتىمىزنى قوزغىماقتا،» دېگەن.

ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى يولغا قويماقتا. بىز كەررى ئەپەندىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە سەل قارىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئۇ ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ كېلىمات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلماقچى. بۇ كەررى ئەپەندىنىڭ باشقىلارنى بۇ ئەخلاقسىز ۋە زۆرۈر بولمىغان سودىغا ئەكىرىش ئۈچۈن قەستەنگە ئۇنى ‹قېيىن تاللاش› دەپ ۋەقەنى كىچىكلىتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن»

ماركۇ رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس مەكتۇبىدا پرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىمەن دېگەن ئىشەنچسىز ۋەدىسى بەدىلىگە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قۇربان قىلىنماسلىقى كېرەك. بىز سىزنى كىشىلىك ھوقۇقنى تاشقىي سىياسىتىڭىزنىڭ مەركىزى قىلىشتەك ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.»

يۇقىرىقى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يەنە پرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا يازغان خېتىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق كونكىرېت قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى، جون كەررىينىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارەتلىرىدە كشىلىك ھوقۇق مەسىلىسنى تەكىتلەيدىغان-تەكىتلىمەيدىغانلىقىدەك سوئاللارنى سورىغان.

ئۇلار مەكتۇبىنى «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسى دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان ئىدى. بىز ھۆكۈمىتىڭىزنى بۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىمىز. بىزنىڭ بۇنىڭغا مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز تارىخ تەرىپىدىن باھالىنىدۇ ۋە بىز سىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز،» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت