«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھەر يىلى 10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنى كومىتېت رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس بىرلىكتە تەييارلىغان. ئۇنىڭدا بۇ خاتىرە كۈندە ب د ت نىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇ خىتابنامىنىڭ بارچە ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق تۈپلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەق ۋە ھوقۇقلارنى قاتتىققوللۇق بىلەن چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

باياناتتا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلىمىلىرىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ خىل پىداكارلىق ۋە شىجائەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئاخىرىدا ئۇلار خىتايدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دىكتاتورلۇقنىڭ ھەرۋاقىت كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن خىرىس ئىكەنلىكى، ئەمما ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈكنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسى سۈپىتىدە ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت