ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاينىڭ يەنىلا ئەڭ چوڭ رىقابەت ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن
2024.01.25
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھاۋا ئارمىيە گېنېرال مايورى پەت رايدېر (Pat Ryder) دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەسكىن ئۇرۇشلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق «ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىقابەتچى يەنىلا خىتاي» دەپ كۆرسەتكەن.
پەت رايدىر بۇ سۆزلەرنى 24-يانۋار كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.
رايدېر مۇنداق دېگەن: «ھەرقايسى جايلاردا كەسكىن ئۇرۇشلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىز ھىندى-تېنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ مەنبەلىرىنى دۇنيادىكى باشقا كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلمىدۇق. چۈنكى خىتاي يەنىلا بىز ئۈچۈن ئاساسلىق خىرىس ھېسابلىنىدۇ».
روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، ئوتتۇرا شەرق ۋە قىزىل دېڭىز ۋەزىيىتى، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق نۇرغۇن توقۇنۇشلار باش كۆتۈرگەن بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى ھەققىدىكى سوئالغا رايدېر مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەرشارىۋىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە ھەر خىل كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇمۇ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بىز ئەڭ دىققەت قىلىدىغان شۇنداقلا كۆپ قىسىم بايلىقلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلىدىغان مەسىلە.»
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىلگىرى تارقاتقان خەۋىرىدە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ 842 مىليارد دوللارغا ئۆسكەنلىكى، ئاقساراينىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسىملىرىغا 9 مىليارد 100 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.









