خالمۇرات غوپۇر خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.18


قاراقاش ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، تىببىي پەنلەر دوكتورى خالمۇرات غوپۇر 14-مارت كۈنى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى قاراقاش ناھىيە زاۋا بازارلىق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا «نېمە ئۈچۈن دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن 5 مىڭ دانە «ئۇيغۇرچە-خىتايچە قوش تىللىق لۇغەت» نى تەقدىم قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خالمۇرات غوپۇر قاراقاشتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە «خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۋا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئۆزلىشىشكە، كەلگۈسىدىكى ھايات سەپىرىگە تېخىمۇ كەڭرى سەھنە ھازىرلاشقا» چاقىرىق قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان بىلىم ئادەملىرى بىلەن جامائەت ئەربابلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «قوش تىللىق مائارىپ»، «مۇقىملىق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەتمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.