ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.05.17


ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

16 - ماي ئېلان قىلىنغان باياناتتا 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى شەكىللەندۈرگەن دوپپا بايرىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوپپا كىيىش ئەركىنلىكى بوغۇلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ تەييارلىغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل چەكلەش يىللاردىن بۇيان داۋام قىلغان.

باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دوپپا بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دوپپا كىيمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى، ئەگەر دوپپا كىيىپ مەكتەپكە كەلگۈچىلەر بولسا مەكتەپتىن ھەيدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى زىيارەت قىلغان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دوپپا كىيىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2013 - يىلى مارتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتەپكە دوپپا كەيپ مەكتەپكە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سالغان ۋە ئۇلارنى دوپپىسىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.