ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى دۇنيا بانكىسىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.11

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) ئەزالىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاس (David Malpass) قا خەت يېزىپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق تۆت شىركەتكە قەرز بەرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە 11-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بۇ خەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلى (Jeff Merkley)، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى (James P. McGovern) قاتارلىقلار ئىمزا قويغان بولۇپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر سېتىۋېلىش، مىللىي كەمسىتىش، مۇھىت ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا چېتىشلىق شىركەتلەرگە ياردەم قىلىشنى توختىتشقا چاقىرغان.

بۇ خەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئائىت ھۆججەتلىرى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: «2018-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان چوڭ لاگېرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلدى، چۈنكى يەرلىك ھۆكۈمەت بۇرۇن تۇتۇلغان، كېيىن تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. بەزىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىن سىرتقا يۆتكەپ ئىشلەتكەن ھەمدە بۇنى ‹نامراتلىقنى يۆلەش› دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن زاۋۇتلار ھەتتا لاگېرلانىڭ ئىچىگە، تۈرمىلەرنىڭ يېنىغا سېلىنغان».

بۇ خەتتە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرگە ئاز دېگەندە 486 مىليون دوللار پۇل تەمىنلىگەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ زوراۋانلىقنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەن تۇرۇقلۇق، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلىقى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئۆلچىمىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاندىن خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ سودا ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەرگە قەرز بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.