دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا سوئال قويمىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل 5-ئايدا مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 9-ماي كۈنى «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ئالاقە مەركىزى» دىن كەلگەن بىر ھەيئەت دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىنى زىيارەت قىلغان. «خىتاي-چەتئەل دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ گۈيشياڭ باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەتنىڭ تەركىبىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ تەرەققىيات بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بار ئىكەن.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇچرىشىشتا تەشكىلاتىمىز مەسئۇللىرى خىتايدىن كەلگەن بۇ ئۆمەككە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەمدە بۇ ساھەدىكى دىيالوگلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىۋاتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە پروگراممىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.»

خەۋەردىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ۋە زۇلۇملار ھەققىدە ھېچقانداق گەپ بولۇنمىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى مىسلى كۆررۈلمىگەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا 57 ئىسلام دۆلىتى ئەزا بولغان دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي ئۆمىكىگە ھېچقانداق سوئال قويماسلىقىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2016-يىلى ئىستانبۇلدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى چاقىرغان. شۇ قېتىملىق ئۇچرىششتا ئېلان قىلىنغان «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نىڭ 13-ۋە 14 -ماددىلىرىدا «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوللايدۇ ۋە ئۇلار بىر سەپتە تۇرىدۇ،» دېيىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۆز خىتاپنامىسىدىكى يۇقىرىقى ماددىلارغا ئاساسەن خىتايدا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ئۆمىكىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى سۈرۈشتە قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت