ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.28

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت 28‏-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

كرىستوفىر سىمىت، سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇنى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ھەممە كىشىنىڭ دەس تۇرۇشى ۋە بۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» قا كىرىشكەنلىكى، بۇنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچراش، دىنىي ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەرقانداق دۆلەت ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدەك خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا، خرىستىئانلارغا، بۇددىست تىبەتلەر ۋە فالۇنگوڭچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك ئىكەن.

كرىستوفىر سىمىت، «بىز خىتاينىڭ دىنىي ئۇرۇشىغا قارشى دەس تۇرۇشىمىز كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بۇ دۆلەتلەر «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدىن ئالىدىغان پايدىسىغا خەۋپ يەتسىمۇ، بۇ خورلاشقا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن بىللە پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنى يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرغانلىقى، تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتىنى قورال بىلەن يوقىتىشتەك بۇزغۇنچىلىق ۋە ھاياسىزلىققا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.