دونالد ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغان مەبلەغنى توختىتىدىغانلىقى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.15

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ھەر يىلى بېرىپ كېلىۋاتقان زور سوممىلىق مەبلىغىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پرېزىدېنت ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۇنيانى قايمۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان ھەمدە ۋىرۇسنىڭ خەتىرىنى توغرا مەلۇم قىلغان بولسا بۈگۈن بۇنچە كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتمەيتتى،» دېدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 553 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن 40 مىليون دوللارلىق مەبلەغنىڭ ئون ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادا ۋىرۇس بايقالغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كونترول قىلىشقا بولىدىغان كېسەللىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرى بولسا خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ سەۋەبتىن ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇنىڭغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئەمما كېيىنكى رېئاللىق ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ترامپ ھۆكۈمىتى دەرھال خىتايدىن كېلىدىغان كىشىلەرنى چېگرادىن كىرگۈزمەسلىك تەدبىرىنى قوللانغان.

دونالد ترامپ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «مۇشۇ تەدبىرنى بالدۇرراق قوللانغان بولساق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بولاتتۇق. ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ تەدبىرىمىزگە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپلا قارشى چىقىپ كەلگەن،» دېگەن.

«كۈندىلىك چاقىرغۇ» گېزىتىنىڭ 15-ئاپرېلدىكى سانىدا بېرىلگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندىلا بۇنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى ھەمدە تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇۋالغان. جۈملىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور مارىنا كېركوۋ ئۆزلىرىنىڭ 2019-يىلى 31-دېكابىردىلا بۇ توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما «خىتاينىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان» دەپ قارىلىۋاتقان تېدروس غېبرېيېسۇسنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بېسىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 22-يانۋارغا كەلگەندە ئاندىن بۇنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.