مۇتەخەسسىسلەر: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدەك باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.04.16

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ھەر يىلى بېرىپ كېلىۋاتقان زور سوممىلىق مەبلىغىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلىپ زور ئىنكاس قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللايدىغان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتىكەن.

بۇ ھەقتە كانادانىڭ «يۇلتۇز» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى كانادانىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيەسىدە يالغۇز ئەمەسكەن. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئەمەلىيەتتە پەقەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىلا ئەمەس، نۇرغۇن خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ بېيجىڭنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۇلارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرماقتىكەن.»

14-فېۋرال كۈنى 100 دىن ئارتۇق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئورتاق ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كرىزىسقا بولغان ئىنكاسىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ بايانات ئوتتاۋاغا جايلاشقان «دۆلەتلىك ئاممىۋى سىياسەت ئاقىللار ئامبىرى» - كانادا ماكدونالد-لاۋېر ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىلمىي خادىملار ئىمزا قويغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.