جاي نوردلىنگېر: «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللار دۇنيانى سىنىماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.11.06

«دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جاي نوردلىنگىر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ناھايىتى سالماقلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 6-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق يۈزلىنىشى مۇھاكىمە قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى، بۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ خورلاشقا ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، قەبرىلەر ۋە مەسچىتلەرنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئاللىقاچان دۇنياغا مەلۇم بولۇپ بولغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقانلىرى ‹خرۇستال كېچە› نىڭ ھەر كۈنلۈك تەكرارلىنىشى» دەپ ماقالە يېزىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئائىلىلەرگە خىتاي ئەر كادىرلارنىڭ «بىللە قونۇش» قا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ۋەھشىيانە قىلمىشلارنىڭ ھازىر كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيا ‹بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق ئىكەن› دەپ كەلگەن بولسا ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيدىكىن؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇم بولۇۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ «ئىنسان چىدىغۇسىز» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن جاي نوردلىنگېر دۇنيانىڭ ھازىر بۇ مەسىلىدە بىر چوڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارشى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈشى لازىملىقىنى، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئىشلىرىدا راۋۇرۇس ئويلىنىشى، خىتايدىكى زۇلۇمغا ھەمدەم بولۇشتىن ساقلىنىشى، ئاخبارات ساھەسى ۋە فىلىم دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.