BBC: «ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىشارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.21

ئامېرىكىنىڭ سودا ۋاكالەتچىلىك ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تىجارىي ئىجرائاتلىرى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاي تەرەپنىڭ سودا ئىشلىرىدا تېخنىكا ئوغرىلاش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلىشىشتىكى بىر قىسىم ئورۇنسىز تەلەپلىرىدىن ۋاز كەچكەن ۋە بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا يەنە مەزكۇر ۋاكالەتچىلىكنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان G-20 يىغىنىغا قەدەر خىتاينىڭ سودا ئىجرائاتلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقى كەيۋېن ھاسسېت ئەپەندى بۈگۈن BBC مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنسا ئۇتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەرز دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن 5-6 يىل ۋاقىت كەتكەچكە بۇ ئەرزدە قازىنىلىدىغان پايدىنىڭ زىياننى قاپلاپ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلات قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان ۋە ئىقتىسادىي جازانىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك جازادىن قورقمايدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا بىر تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

BBC نىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە مەزكۇر مەسلىھەتچىنىڭ بۇ سۆزلىرى «خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەكلىكىنىڭ بىر ئىشارىتى» دېيىلمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ساھەدىكى تالاش-تارتىشلىرىمۇ داۋام قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ B-52 تىپلىق ئىككى ئايروپىلانى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبى دېڭىزغا قونۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋىئاماتكىسى خوڭكوڭ پورتىدا توختىغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرىدىن كارل توماس بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدا جەنۇبى دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى يەنە تەكرارلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.