د ئۇ ق: «خەلقئارانى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.22

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرغان.

باياناتتا تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە دەھشەتلىك جازالاشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىگە خاتىمە بېرەلمىگەن. ئۇلار يەنىلا بىخەتەر ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن بېسىم ۋە يوچۇقلارغا دۇچ كەلمەكتە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇزۇن قولى ئۇلارغا سوزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» ئىكەن.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىزىنى قوغلاپ، ساھىپخان دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى، قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ «ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش، تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسى ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىلەرگە دۇچار بولۇپ كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە 16 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنگەن.

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىشى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدا دۆلەت تەۋەلىكىسىز قېلىش خەۋپىنى پەيدا قىلغانلىقى، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقى، تۈركىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلار، بالىلار ۋە تۇل ئانىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا تەلەپ قىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشى، ئۇلارنى قوغدىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇلارغا قارىتا ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.