د ئۇ ق خەلقئارانى، ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ تۇرپاندا 20 ئادەمنى قولغا ئېلىپ، يەنە 78 ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارانى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

باياناتچى دىلشات رىشىت سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدىنلا 53 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، يەنە تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىن 20 ئادەمنى تۇتۇپ، 78 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتتى. دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشتەك چەكتىن ئاشقان ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك!» دېدى.

بۈگۈن خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكىتى سىننا تورىدىمۇ بۇ خەۋەر دەلىللەندى. سىننا تورى خەۋىرىدە خەۋەر مەنبەسىنىڭ خوڭكوڭدىكى «بەش كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتى» دىن ئېلىنغانلىقى ئىزاھلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مەھەللە- كويلارغا 78 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى گۇماندارلار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چاپلاپ، ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.