دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاي ئۈستىدىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

7-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-قېتىملىق يىغىنى خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن، ئەمما خىتاي بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئۆزىنى ئاقلاشقا كۈچىگەن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمىغان.

7-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق 30 نەچچە تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىرلەشمە بايانات سۇنۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى قۇربانى بولۇۋاتقانلارنىڭ ئورتاق ساداسىنى يەتكۈزگەن.

باياناتتا، خىتاينىڭ داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەكشۈرگەن ئەھۋاللار ۋە بەرگەن تەكلىپلەرنى خىتاينىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقى تەنقىدلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەپسۇسلىنىدىغىنىمىز شۇكى، خىتاي 30 پىرسەنت تەكلىپنى رەت قىلدى. بۇ تەكلىپلەر ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار، مۇخبىرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەكلىپلەرنىڭ رەت قىلىنىش نىسبىتى 5 يىل بۇرۇنقى 18 پىرسەنتتىن ئاشتى، دېمەك، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى ئاشكارا كۆزگە ئىلمىدى».

باياناتتا يەنە، نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنى خىتاينىڭ رەت قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن. خىتاينىڭ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا خىتايغا كىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلمىغانلىقى تەنقىدلىنىپ: «خىتايدا ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمىگەن بولسا، خىتاي نېمىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 15 تۈرلۈك ئالاھىدە زىيارەت تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ھازىر تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىز خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا ھەقىقىي يوسۇندا قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بارلىق كىشىلەرنى ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتى، ب د ت ئەھدىنامىسى ۋە ب د ت دوكلاتىدىكى تەكلىپلەر ئاشۇ جىددىي تەلەپ ئۈچۈن نىشان بەلگىلەپ بېرىدۇ».