دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئون يىل ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئون يىل ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا ئون يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ «شۇ قېتىملىق ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆلدى، يارىلاندى ۋە غايىب قىلىۋېتىلدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايىتى ئۈچۈن سوراققا تارتىلمىدى» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتىكى سۆزىدە «خەلقئارا جامائەتنىڭ ئون يىل ئىلگىرىكى بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتكە سۈكۈت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاسارەتلەندۈردى. نەتىجىدە بۈگۈنكىدەك مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى» دەپ ئەسكەرتكەن. د ئۇ ق خەلقئارا جامائەتنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىماسلىققا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا چاقىرغان.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق 14 دۆلەتتىكى 22 شەھەردە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.