دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.26

26-ماي كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بۆلۈمدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە دۇنيانى ئۇيغۇر خەلقىگە توغرا تونۇشتۇرۇشتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە قۇرۇلتاي نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئاقسۇ شاياردىن بولۇپ، مىسىردىكى دۇنياغا داڭلىق ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن. تۇرغۇنجان نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى شەرىپىگە زىياپەت بېرىپ، ئۇنى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.