دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 - قۇرۇلتىيىنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىشنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى بۇ يىل ئوتتۇرىسىدا ئېچىشنى قارار قىلىندى.

28 - ئىيۇل كۈنى تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىجرائىيە كومىتېت مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، قۇرۇلتاينىڭ قانۇنىي ۋەكىلى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە باش قوشۇپ مۇزاكىرە قىلىشى، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ تۈركىيەدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە 3 كۈنلۈك مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى.

مۇزاكىرىدە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى بېكىتىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى 2016 - يىلى 11 - ئىيۇلدىن 13 - ئىيۇلغىچە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىش قارار قېلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.