دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

8-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئاۋام پاتالا رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ تارىخىي زىيارەتنىڭ خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك زەربە، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارغا بېرىلگەن تەسەللىي، كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە بېرىلگەن مەنىۋى ياردەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بۇ باياناتنامىدە، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سەپىرى بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە دېموكراتىيەدىن ئايرىلىپ قالغان خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا, بۇ زىيارەتنىڭ بۈيۈك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئېنىق نامايەن قىلىپ بەرگەن مۇھىم زىيارەت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىي زۇلۇملىرى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلغان ھۇجۇملىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە، بىز مانا مۇشۇنداق بىر رەھبەرلىككە مۇھتاج».

باياناتنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بۇ زىيارەتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ھازىر شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى قانداق دەپسەندە قىلغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇيغۇرلارغا كەلگەن بۇ دەپسەندىچىلىك داۋاملىشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كەتتى؛ تەيۋەنلىكلەرگە كەلگەن بۇ بېسىملار داۋاملىشىپ، تەيۋەندىن ئىبارەت دېموكراتىك بىر دۆلەتكە قىلىنغان ئېىغر تەھدىتكە ئايلاندى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرىدىن نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىگە دىققەت-ئېتىبارىنى بېرىشكە، تەيۋەن خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان. باياناتتا، «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى چۆچۈتۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار جىم تۇرۇۋالغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە پېتىنالىدى،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.