دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «قىرغىزىستانلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىل رۇزىيېفنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 11-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىل رۇزىيېفنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتتا، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى «كامىل رۇزىيېفنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا قارىتىلغان خاتا ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە» چاقىرغان. كامىل رۇزىيېف قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 29-ماي كۈنى قاراقول شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 31-ماي كۈنى ئۇنىڭغا ئائىلىدە نەزەربەند قىلىش جازاسى بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامىل رۇزىيېف ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولۇپ، ئۇ «ۋەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» رەھبىرى بولۇش سۈپىتىدە نۇقتىلىق قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولۇپمۇ، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش، ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قانۇنى ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىدە بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پائالىيىتى سەۋەبلىك قىرغىز بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كامىل رۇزىيېف يېقىندا قىرغىز بىخەتەرلىك خادىمى، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە قىرغىزىستان يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان. ئۇ قىرغىزىستان يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنى ئۆزىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئەرزىنى تەكشۈرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆچ ئالماسلىققا چاقىرىپ، «رۇزىيېفنىڭ خىزمىتى قىرغىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشى، ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت