د ئو ق: تېررورچى سابىرخان ھەسەنوف ئۇيغۇر ئەمەس

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.10.05


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق گۇماننى بىلەن ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سابىرخان ھەسەنوفنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

سابىرخان ھەسەنوف 30 - سېنتەبىر نيۇ - يوركتا سوتقا تارتىلغان. ئۇنىڭ يەمەن ۋە دۈبەيدىكى تېررورچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەمدە بولغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە ھەسەنوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1980 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىققان ۋە 10 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، نيۇ - يوركتا ياشىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا ھەسەنوف ئەپەندىنىڭ سوتتا يالغان ئېيتقانلىقنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەسەنوف ئەپەندى مىللىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ئارزۇسىغا زىيان سېلىشى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەسەنوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. ئەمما، ھېچكىم شۇنداق بىر ئۇيغۇر بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ھەر ساھە ئاخباراتچىلىرىنى ھەسەنوفنىڭ كىملىكى مەسىلىسىدە ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.