چەت ئەلدىكى سودا گۇرۇھلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.30

چەت ئەلدىكى سودا گۇرۇھلىرى ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا 3-تەرەپ ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بېرىپ، تەمىنلەش لىىنيەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىغا چېتىلىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

ياخۇ ئىقتىساد تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلتىجا قىلىپ: «بۇ قانۇندىكى تەلەپ بەك يۇقىرى، ھۆكۈمەت چوقۇم 3-تەرەپنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىغا يول قويىدىغان بىرەر تەدبىر تۈزۈشى كېرەك،» دېگەن.

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان كىيىم، پاختا، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كىرىستاللىق كرېمنىنى «4 خەتەر» دەپ بېكىتكەن. بۇ ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنى ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى ئىسپاتلاپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسئۇلىيەت تەبىئىي ھالدا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن. ئامېرىكا تاموژناسى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىمىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە بۇ ھەقتە دوكلات سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا تاموژناسى ئەمەلدارلىرى خىتايدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مۇستەقىل تەپتىش ئورگىنىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن.

 گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 3-تەرەپ مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، «خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يوق» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەيدىكەن؛ ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن، خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بارىدىغان ئورگاننى بېكىتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.