سابىق نازىر ئەكبەر غوپۇر قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.01

ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىچە داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئەكبەر غوپۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 1-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى يانۋاردا پېنسىيىگە چىققان ئەكبەر غوپۇر 2019-يىلى «قوش تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر غوپۇر دېھقانچىلىق نازارىتىگە نازىر بولۇشتىن ئىلگىرى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ۋەزىپىدە بولغان بولۇپ، 2013-يىلىدىن تاكى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سابىق رەئىس نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ بىر-بىرلەپ موللاق ئاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.