خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش تېخنىكىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭەيتىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.30

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوللانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن خىتايغا كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدا شېنجىن شەھىرىدە پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر خىتاي قىزىغا ساقچىلارنىڭ جەرىمانە قويۇش ۋەقەسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ يۈز تونۇش ئاپپاراتى ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرى ۋە كۈندىلىك پائالىيىتىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ماقالىدا بۇ تېخنىكىلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكى، ھازىر ئۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭەيتىلىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئاپتوموبىلىنى خاتا ئورۇنغا توختىتىش، يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال بېرىش ياكى يولنى كېسىپ ئۆتكەن پىيادىلەرگە جەرىمانە قويۇشتەك ھادىسىلەردە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدا يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى كامېرا، يۈز تونۇش تېخنىكىسى، كۆز ۋە بەدەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى مەجبۇرىي توپلاش، ئەقىلفونلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك نازارەت قىلىش يۇمتالى قاچىلاش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق 21‏-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇ ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، شېنجىنلىق خىتاي قىزىنىڭ ۋەقەسى بۇ تېخنىكىنىڭ پۈتۈن خىتايغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قاتناش قائىدىسىدە ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا «ئۇلارنىڭ پىلانى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.