ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ئەلىخان تۆرىنىڭ ستالىنغا يازغان ئىككىنچى پارچە خېتىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.01.08

ئامېرىكىدىكى ۋوئودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە ئائىت سىفىرلىق ئارخىپ ئامبىرىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىش ئەھۋالىغا ئائىت بىر قىسىم مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىغا 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى يوسىف ستالىنغا ئەۋەتكەن ئىككى پارچە خېتىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ بىرىنچى پارچە خېتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار رادىئومىز تەرىپىدىن ئۆتكەن قېتىملاردا خەۋەر قىلىندى.

ئەلىخان تۆرىنىڭ 1945-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى يوسىف ستالىنغا يازغان ئىككىنچى پارچە خېتى غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ئالاھىدە ۋەكىللىرى گېنېرال ئېگناروۋ بىلەن گېنېرال لانفاڭ تەرىپىدىن تەرجىمىگە قىلدۇرۇلۇپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سوۋېت ن ك ۋ د (خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتي) رەھبىرى بېرىياغا ئەۋەتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، بېرىيا خەتنى ستالىن باشچىلىقىدىكى مولوتوۋ، مالېنكوۋ، مىكويان، ۋىشېنسكىي قاتارلىق سوۋېت كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

ئەلىخان تۆرىنىڭ ستالىن نامىغا يازغان مەزكۇر خېتى شۇ يىلى 22-ئاپرىل كۈنى يازغان بىرىنچى پارچە خېتىگە قارىغاندا كۆپرەك ۋە مەيدانى قاتتىقراق شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان بولۇپ، ئەلىخان تۆرە ستالىننى «ئۇلۇغ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى، ياخشى ۋە مېھرىبان ستالىن جانابلىرى» دەپ ئاتاش بىلەن ئۆز بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ۋە قۇل قىلىشى ئاستىدا بولغۇنىمىزغا 200 يىل بولدى» دەپ سوز باشلاپ، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ياشىغان ئۇزۇن جەريانلاردا ھېچقانداق ھوقۇقلىرى بولمىغانلىقى، خەلقنىڭ مال-مۈلكىنىڭ خالىغانچە مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، ئەڭ ياخشى كىشىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، قىيناشلارغا ۋە ئۆلتۈرۈشلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس دىنىنىڭ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى». ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىپ، ئاخىرى خەلقنىڭ قوزغىلىپ، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەلىخان تۆرە خېتىدە ستالىنغا خىتاب شەكلىدە:«ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقلىرىمىزنى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قوغدىيالايمىز. بىز ئۆز ۋەزىيىتىمىزنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندۇق» دەپ يازغان.

ئەلىخان تۆرە خېتىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ غەلىبە نەتىجىسى ۋە كەلگۈسى پاراۋانلىقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ستالىننىڭ ياردەملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەلىخان تۆرە خېتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە سوۋېت رەھبەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش يولىدىن قەتئىي يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قوراللىرىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ غەلىبىسىنى ۋە بارلىق ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە تاشلىمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلغانلىقلىرىنى»نى جاكارلىغان.

ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتىگە يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھاكىمبەگ خوجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار :مۇھەممەدجان مەخسۇم، كەرىم ھاجى، مىرۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ، ئەنۋەر مۇسابايوف، ئەخمەتجان قاسىمى، سالىجان باي، رەھىمجان سابىرھاجى، موسكولىيوف ۋە باشقىلار ئىدى.

ئەلىخان تۆرىنىڭ مەزكۇر خېتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، بارلىق ھەربىي ياردەملىرىنى توختاتقان، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ بىلەن 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالاش-ياكى ئىمزالىماسلىقتىن ئىبارەت ھالقىلىق پەيتكە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا يېزىلغان ئىدى.

ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا غۇلجىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت»نى رەسمىي تۈردە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مەۋقەسىمۇ ستالىن ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.