ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمالاردىن خىتاي ئورتاق تىلى بويىچە تۇنجى مەيدان ئىمتىھان ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى ئەمالار مەكتىپىدە «پۇتوڭخۇا»، يەنى خىتاي ئورتاق تىلى بويىچە بىر مەيدان ئىمتىھان ئېلىنغان ۋە لاياقەتلىك بولغانلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلگەن.

ئىمتىھانغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق ئەما كىشى قاتناشقان. خەۋەردە ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ مىللەت تەركىبى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە يەنە ئەمالارغا قويۇلغان خىتاي ئورتاق تىلى لاياقەتلىك ئۆلچەم تەلىپىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا تېڭىلىۋاتقان دۆلەت تىلىنى بىلىش تەلىپى بىلەن ئوخشاش بىر سىياسەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا بارلىق لاگېرلاردا خىتاي دۆلەت تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۆگىنىشنى ساۋاتسىزلارغىمۇ تېڭىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى يەكەندە خىتايچە دۆلەت شېئىرىنى يادلاپ بولالمىغان تۇرسۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزا كادىرلىرىنىڭ تىل-ھاقارىتىگە بەرداشلىق بېرىلمەي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى رەيھان ھېسامىدىن ئەمالارغا قارىتىلغان خىتاي ئورتاق تىل لاياقەت ئۆلچىمىنىڭ ئەمالارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىكى بىر كادىرمۇ لاگېردا دۆلەت تىلى ئۆگىتىشنىڭ جەمئىيەتتە ئىشسىزلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت