كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكانىڭ فۇ جېڭخۇا قاتارلىق ئەمەلدارلارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.13

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىغا 15 دېلو سۇنۇپ، «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن خىتاي ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ساقچى ۋە ئىستىخبارات باشلىقلىرىنى، جۈملىدىن پانامانىڭ سابىق پرېزىدېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسلەرنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» 2016‏-يىلى دېكابىردا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

مەزكۇر قانۇندا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان، مەھبۇسلارنى قىينىغان، ئۆلتۈرگەن، ئىز- دېرەكسىز يوقىتىۋەتكەن، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا كىرىشى، ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى، ئامېرىكا بىلەن تىجارەت قىلىشى ۋە ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن ئىدى.

ۋاشىنگتوننى بازا قىلغان «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى» قاتارلىق دۇنيادىكى 23 تەشكىلات يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان خىتاي، بەھرەيىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، مېكسىكا ۋە مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ساقچى، تەپتىش ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ دېلوسىنى تۇرغۇزۇپ، بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكىس تېللىرسون بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مۇنچىكىنغا تاپشۇرغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى فۇ جېڭخۇا بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ جىڭ بار ئىكەن. بۇ ئىككى خىتاي ساقچى ئەمەلدارى 2014‏-يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «باش جاۋابكارى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

يۇقىرىقى 23 تەشكىلات، مەزكۇر 15 دېلونىڭ گۇۋاھچىلارنىڭ 1-قول گۇۋاھلىقى، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ سۆزلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.