خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى 13-سېنتەبىر كۈنى يەرشارىدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغان دۆلەت سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

«زامانىۋى قۇللۇق توغرىسىدا يەرشارى مۆلچەرلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇش» ناملىق دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا 50 مىليون ئادەم قۇللار ئەمگىكىنىڭ ھەر خىل زامانىۋىي شەكىللىرىگە مەھكۇم بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 28 مىليونى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، 22 مىليونى مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇشنىڭ قۇربانى ئىكەن.

دوكلاتتا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت نىڭ زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاينىڭ پىلانى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدا رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بۇ يىل 8-ئايدا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت ئىككى مۇھىم ھۆججىتىگە ئىمزا قويغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئەمگەككە سېلىشنى چەكلىىشى» تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.