خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقان ئاتالمىش «ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشى» كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن «تەڭرىتاغ تورى» دا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن يىلى 127 مىڭ 573 يۈرۈش «يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» سېلىشنىڭ پىلانلانغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن 72481 ئۆينىڭ پۈتۈپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتايدىكى «سىنا تورى» نىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نامرات دېھقانلار ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈپ كەلسە بىكارلىق تېرىلغۇ يەر ۋە تۇرالغۇ ئۆي بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا گەنسۇنىڭ دىڭشى يېزىسىدىن تۇمشۇق شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن بىر خىتاي كۆچمەننىڭ مانا مۇشۇنداق ئىمكانلارغا ئېرىشكەنلىكى سۈرەتلىك تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ ئىككى خەۋەردىكى پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى بىر سىياسىي كۆزەتكۈچى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى مەزكۇر خەۋىرىگە قارىتا «بۇ ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشىمۇ ياكى كۆچمەن ئۆيى قۇرۇلۇشىمۇ؟» دەپ سوئال قويدى. ئۇ خىتاي سېلىۋاتقان «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيلەرگە كۆچمەيۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ ئۆيلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىنئام قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسىغا سېلىنغان بىر يۈرۈش «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نىڭ سۈرەتلىرى بېرىلگەن. مەزكۇر يېزا 2008‏-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھارپىسىدا خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى بىر پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىگە سەھنە بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت