خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھاۋا كېلىمات ھەمكارلىقى «شىنجاڭ ئىمبېرگوسى» غا بېرىپ تاقالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.09

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەرىينىڭ ئ‍ۆتكەن ھەپتە خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھاۋا كېلىماتى ھەمكارلىقىنى ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ ئىمبارگوسى» غا تاقىۋالغان. جون كەرىينىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆزلەشكەندە، «ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك، بىر تەرەپلىمىلىك، گېئو-ئ‍ىستىراتېگىيەلىك قورال، ۋاستە ياكى كۈندىلىك مەسىلە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ يەر شارى خاراكتىرلىك، بىر تەرەپلىمىلىك بولمىغان خرىس» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بىراق ۋاڭ يى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئامېرىكانىڭ خىتايغا تۇتقان باشقا جەھەتلەردىكى پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينى «تەھدىت ۋە رەقىپ» دەپ قارايدىغان پوزىتسىيەگە خاتىمە بېرىشنى، كېلىمات ئۈزگىرىشىنى كەڭ گېئو-سىياسىي مۇھىتتىن «ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. «خېلل» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ «ئ‍ىككى تىزىملىكى» بىلەن «ئۈچ ئاساسىي شەرتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن كېلىمات ئىشلىرىدا ھەمكارلاشماقچى بولسا، بۇنىڭغا ئ‍ىجابىي جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «ئۈچ ئاساسىي شەرتى» ۋە «ئىككى تىزىملىكى» خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، جۈملىدىن شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە دەخلىي قىلماسلىق، ئىمبارگو، تاموژنا بېجى، قانۇنىي ھۆكۈم چىقىرىش، تېخنولوگىيەنى قامال قىلىش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلىق قىلماسلىق، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ھەركىتىنى توسماسلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا قارتىلغان جازانى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.