ئەنگلىيە سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇخسىتى كېرەكسىز، دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.08.29

سۈرىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەنلىك ئېھتىماللىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ دەمەشىققە يېقىن ھۇتا رايونىدىكى ھۇجۇمدا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىلگەن، دېگەن يەكۈننى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ئىجابىي بىر قارار چىقىرىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيەنىڭ بەزى نىشانلارغا قارىتا ئۆز ئالدىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۈرىيەگە جازا ھۇجۇمى قوزغاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ئېھتىماللىققا قارشى سۈرىيەدىن بىر كۈن ئىچىدە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە 6000 دىن ئوشۇق كىشى قېچىپ چىققان.

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد بولسا بۈگۈن ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھۇجۇم قوزغاش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە جاۋابەن، سۈرىيەنىڭ ھەرقانداق بىر تەھدىتكە قارشى ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدە بەشەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇتا رايونىدا خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىپ، 1300 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈزلىگەن كىچىك بالىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن بۈگۈن سۈرىيەگە ئەۋەتىلگەن خىمىيىۋى قورال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتىپ كۈلىدىغانلىقىنى ۋە 31-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئۆزىگە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.