ئەنگىلىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.09.03


ئەنگىلىيە «ساندەي تايمىس گېزىتى» ( «يەكشەنبەتايمىس») نىڭ 1 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئالاھىدە ساقچىلار تىك ئۇچار ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى باستۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ، يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان «رايوندا ئاز دېگەندىمۇ 200 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ، «خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى 20 - ئاۋغۇست كۈنى تىك ئۇچاردا چارلاش ئارقىلىق، قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسى يىلقىچى يېزىسىدىكى بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ 22 كىشىنى ئۆلتۈردى،4 كىشىنى قولغا ئالدى»دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە خوتەن خان ئېرىق ۋەقەلىرىمۇ تىلغا ئېلىنىپ،«26 - ئاپرېل لۈكچۈن ۋەقەسىدە 35 - تىن 46 غىچە ئادەم ئۆلدى. 28 - ئىيۇن خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىدە، نامازدىن يانغان 400 گە يېقىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتىلىپ،60 تىن 100 گىچە ئادەمنىڭ ئۆلگەن بولىشى مۈمكىنلىكىنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى خەۋەر قىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.