ئەنگلىيە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.14

14-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى چەكلىگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە تېخى بۇ يىل 1-ئايدا خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتىنىڭ دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سىمسىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا چەكلىك دەرىجىدە رول ئوينىشىغا يول قويغان. بىراق ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن بىراقلا ۋاز كېچىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك BTGOF ۋە Vodafone قاتارلىق ئالاقە شىركەتلىرىگە مەۋجۇت بولغان خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى 5G تورىدىن چىقىرىۋېتىشى ئۈچۈن 2027-يىلغىچە مۆھلەت بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەنىڭ دىگىتال ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكانىڭ بۇ يىل 5-ئايدا خۇاۋېي شىركىتىگە يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بۇنداق قارار ئېلىشىغا تەسىرى چوڭ بولغانلىقىنى، بۇ جازا بىلەن پەيدا بولغان ئېنىقسىزلىق تۈپەيلىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئەمدى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ قارار ئەنگلىيەدە 20 يىلدىن بېرى تىجارەت قىلىۋاتقان خۇاۋېي ئۈچۈن زور زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ياۋروپا بۇ شىركەتنىڭ مۇھىم بازىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى سېتىش سوممىسىنىڭ 24 پىرسەنتىنى ياۋروپا ئىگىلەيدىكەن. خۇاۋېي شىركىتى ئەنگلىيەنىڭ قارارىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، بۇ قارار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ زور غەلىبىسى ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان غەربتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى خىتايدەك نازارەت دۆلىتىگە تەۋە بولغان خۇاۋېي شىركىتىنى 5G تور سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بۇ ھەقتىكى قارارىنى جاكارلاشتىن بۇرۇنلا ئەنگلىيەنى خۇاۋېينى چەكلىگەن تەقدىردە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ خىتاينى قاتتىق نارازى قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.