«خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش» ئەنگىلىيەدىكى سايلام رىقابەتچىلىرىنىڭ ئورتاق نوقتىسى بولۇپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.08.17

خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتتە ئامېرىكادىن ئەنگىلىيەگىچە، ئاۋسترالىيەدىن ياپونىيىگىچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىدە نوقتىلىق تەكىتلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھازىر ئەنگىلىيەدە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تالىشىپ سايلامغا چۈشۈۋاتقان سابىق جونسون ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلا مىنىستىرى لىز ترۇس بىلەن مالىيە مىنىستىرى رىشى سۇناك ئارىسىدا دۆلەتنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىدىن ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگىچە كۆز قاراش جەھەتتە نۇرغۇن پەرقلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر ئورتاق نوقتىسى «خىتاي تەھدىتىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش» ئىكەن.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى سايلام نۇتۇقلىرىدا ئۆزلىرى باش مىنىستىر بولغان تەقدىردە بېيجىڭغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىگە سۆز قىلغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسىلەر «ئۇلارنىڭ مەيدانى ئىلگىرى ئەنگىلىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى <ئالتۇن دەۋر> دەپ ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خوڭكوڭدىكى ئۆزگىرىشلەر، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق، تور ھۇجۇملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئاياقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يالغۇز ئەنگىلىيەدىلا ئەمەس، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھەتتا جەنۇبىي كورىيەنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى مۇنازىرلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئامېرىكادا سايلام پائالىيىتى قىلىۋاتقان دۆلەت مەجلىسىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىمۇ «خىتاي تەھدىتى» نى ئۆزلىرىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىدە كۆپلەپ ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستاتېسكا تەتقىقات ئورگىنى بولغان «پىۋ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ بۇ يىل 6- ئايدىكى راي سىناش نەتىجىسدىن قارىغاندا، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادا راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان 19 دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسىدە خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلار تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان ياكى شۇنىڭغا يېقىنلاشقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.