ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.16

سابىق ئەنگلىيە ئەمگەك مىنىستىرى، ئەنگلىيە پارلامېنتى بىرلەشمە سودا كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىسى لىئام بېرىن (Liam Byrne) ئەنگلىيەنىڭ قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. لىئام بېرننىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە يەنە خىتاينىڭ شېئىن تېز مودا كىيىم شىركىتىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شېئىننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ لوندوندا پاي چېكى تارقىتىشىنىڭ رەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىئام بېرىن ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا چىقارغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لىئام بېرن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «مەن (يېڭى) ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، كونسېرۋاتىپلار تەرىپىدىن ئىشقا ئاشمىغان زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى كۈچەيتىشنى، تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان تەلەپلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى كۆرۈشنى خالايمەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت ئەنگلىيەنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل بولغان سودىدا ئىشەنچلىك رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىشى كېرەك» ئىكەن. لىئام بېرن خىتاينىڭ شېئىن تېز مودا كىيىم شىركىتىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكىنى تارقىتىش ئىلتىماسىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى.

شېئىن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، ئۆزلىرىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويماسلىق سىياسىتى» بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» بۇ يىل 6-ئايدا، شېئىننىڭ لوندوندا پاي چېكى تارقىتىشىغا قارشى قانۇنى ھەرىكەت باشلىغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيەلىك پارچە سېتىش مەسلىھەتچىسى ۋە تېلېۋىزور چولپىنى مارىي پورتاسمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شېئىننىڭ لوندوندا پاي چېكى تارقىتىشىنى توسۇشقا چاقىرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.