خىتاي ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى داۋالغۇشتىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى فىلىپ ھامموند خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان. ئۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا بىلەن كۆرۈشكەن.

«بىلۇمبېرگ» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ چۈنخۇا ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى فىلىپ ھاممۇند بىلەن ئۇچراشقاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان كۆرۈلگەن داۋالغۇشلاردىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ سۆزىدە بۇ داۋالغۇشلار سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر قىسىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋاللىقىنى ئېيتىپ، «ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا سەپەرگە ئوچۇق بولۇش مەسىلىسى سەۋەبلىك داۋالغۇشلار كۆرۈلگەن. بۇ يىل 2-ئايدا ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گېۋىن ۋىللىيامسون «خانىش ئېلزابىت» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رايونلىرىغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى فىلىپ ھاممۇند بولسا ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى «مۇھىم» ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا «مۇرەككەپ» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ پۈتۈن تېررىتورىيەسىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە بۇ رايوندا سۈنئىي ئارال قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن. بىراق خەلقئارالىق لاھېي سۈلھ مەھكىمىسى 2016-يىلى ئېلان قىلغان قارارىدا «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى ئاساسسىز» دەپ بېكىتكەن.

تولۇق بەت