ئەنگلىيە خانىشى شى جىنپىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ئەدەپسىزكەن» دېگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.11

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلقى زىيارىتى ھەققىدە توختالغان ئەنگلىيە خانىشى ئېلزابېت II خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ئىنتايىن ئەدەپسىز ئىكەن» دەپ سۈرەتلىگەن.

ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ 11-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ «سەمىمىي سۆزلىرى» شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى جەريانىدا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ساقچى ئەمەلدارى لۇسي دورىسى خانىمنى قوبۇل قىلغاندا ئاپپاراتقا ئېلىنىپ قالغان.

سۆھبەت ھەققىدىكى قىسقا فىلىمىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار ھەققىدە توختالغان ساقچى كوماندىرى لۇسي دورىسى خانىشقا: «سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بارمۇ-يوق بىلمىدىم، ئەمما مەن ئۇ چاغدا زور سىناقلارغا دۇچ كەلدىم» دەيدۇ.

بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى بىر «تەلەيسىزلىك» دەپ ئاتىغان خانىش، «ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار»، «ئۇلار باش ئەلچىمىزگىمۇ قوپاللىق قىپتۇ» دەيدۇ.

دورىسى خانىمنىڭ خانىشقا ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەگە شى جىنپىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلىشىشكە كەلگەن خىتاي دىپلوماتلىرى ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باربارا ۋۇدۋارد ۋە ساقچى كوماندىرى دورىسى خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان سورۇندىن پېشىنى قېقىپ چىقىپ كېتىشكەن ۋە «زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز» دەپ مۇتەھەملىك قىلغان.

دورىسى خانىممۇ بۇ خىتاي دىپلوماتلىرىغا «بەك تەربىيىسىز ۋە بەك دىپلوماتىك يوسۇنى يوق» دەپ باھا بەرگەن.

بۇ خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيە خان ئوردىسى «خانىشنىڭ شەخسىي سۆھبەتلىرىگە پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە گەپ بولۇنغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.