ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لى ترۇس: «خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشىمىزنى ئازايتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئ‍ولتۇرغان باش ۋەزىرى لىز ترۇس ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشىنى ئازايتىدىغانلىقى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتا قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لىز ترۇس 25-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشىمىزنى ئازايتىش ئۈچۈن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتتىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز ناھايىتى ئېنىق. بۇ نۇقتىدا مەن بايدېنغىمۇ ناھايىتى ئېنىق دېدىم».

ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى «ئالاھىدە مۇناسىۋەت» دەپ تەرىپلىگەن لىز ترۇس، بۇ مۇناسىۋەت «رۇسىيەنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقان، خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا» دېگەن.

لىز ترۇس ئىلگىرى ئ‍ۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىككە سايلانسا، خىتايغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. ئۇ باش ۋەزىرلىككە سايلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىدىن نۇسرەت غەنى بىلەن تام تۇگېنھاتنى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە قويغانىدى. لىز ترۇس CNN دىكى زىيارىتىدە يەنە تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ، ئەنگلىيە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشى ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتا قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئەنگلىيەنىڭ قوراللىق ئارىلىشىدىغان-ئارىلاشمايدىغانلىقىغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

لىز ترۇس ئۇنىڭ پرېزىدېنت بايدېنغا ئوخشاش ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا تەيۋەننى قوراللىق قوغدايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىدىغان ياكى ئېيتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئېيتقانلىقى، «بارلىق ئىتتىپاقداشلار تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەيدىغانلىقى، بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ: «غەرب ئۇكرائىنادىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.