ئەنگلىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى ئويلاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.21

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش قانۇن لايىھەسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. خەۋەردە، قانۇن لايىھەسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىنى توختىتىشقا ئائىت ماددىلارغا ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭمۇ «ھېسداشلىق» بىلەن قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرغانلىقىنىڭ تۇنجى سىگنالى ئىكەن. كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى لورد بلەنكاترا تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ لايىھە بۇ ئاينىڭ باشلىرى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. كونسېرۋاتىپلارنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ لايىھە باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لايىھە ئاۋام پالاتاسىغا يوللانسا، 28-مارتېن باشلاپ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ھۆكۈمەت «جىددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى مەۋجۇت»، دەپ قارىغان رايونلاردا ئىشلەپچىرىلغان ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى چەكلەيدىكەن. خەۋەردە مىنىستىرلارنىڭ بۇرۇن ساغلاملىق بۇيۇملىرى تەمىنات زەنجىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى چەكلىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.