ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدىن قۇياش ئېرگىيە تېخنىكىسى كىرگۈزۈشنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.01

ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ قۇياش ئېنىرگىيە تېخنىكىسى كىرگۈزۈش پىلانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ ئەنگىلىيە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيەنى قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئارقىلىق قامداش پىلانى، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئۈستىگە قۇرۇلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىغا مەبلەغ سېلىش خەۋىپىگە ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسى خىتاينىڭ دۇنيا قۇياش ئېنىرگىيە بازىرىدىكى مونوپوللۇق ئورنىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ئۇلار دۇنيادىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلشپچىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باش ۋەزىر بورىس جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەدىن كېلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئورنىغا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچۈيتىشكە كىرىشكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كونسېرۋاتىپ ئەزاسى ئەنگىلىيەدىكى «E-خەۋەرلىرى» (Enews) تورىغا مۇنداق دېگەن: «ئەنگىلىيە ئېنىرگىيەگە بولغان تايىنىشىنى رۇسىيەدەك بىر مۇستەبىتتىن خىتايدەك يەنە بىر مۇستەبىتكە يۆتكىشىگە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. باش ۋەزىر شۇنى بىلىشى كېرەككى، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنى سېتىۋېلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ بازارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ غايەت زور خەۋىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ».

بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنىگىيە تاختىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان بولۇپ، بۇ ئەنگىلىيەنىڭمۇ ئېنىرگىيە جەھەتتە كاربونغا يۆتكەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.