ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان سەھىيە-ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويماقچى بولغان
2022.04.22
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «سىياسەتچى» ژۇرنىلىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرى ساجىد جەۋىد (Sajid Javid) ئەنگلىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىلگەن لايىھەسى ماقۇللىنىش ئالدىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، سەھىيە-ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش لىنىيەسىدىكى قۇل ئەمگىكى ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلىماقچى، يەنى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان سەھىيە-ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويماقچى بولغان.
زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرغۇچىلار ساجىد جەۋىدنىڭ بۇ تەدبىرىنى 2015-يىل ئەنگلىيەدە زامانىۋى قۇللۇققا قارشى قانۇن چىققاندىن بۇيانقى چوڭ ئىلگىرىلەش دەپ ماختىغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق لىدېرى دانكىن سىمىت (Duncan Smith) ساجىد جەۋىدنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «مۇھىم تەدبىر» دەپ ماختىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «مەن ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئورۇنلىرىنىمۇ مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمەن. بىز بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاجىزلارنى قورقۇتۇپ ئېزىۋاتقان زوراۋانلارغا كۈچلۈك سىگنال بېرىمىز، ئادالەت خەنجىرىمىز ئۇلارنى بوش قويمايدۇ».
زامانىۋى قۇللۇققا مۇناسىۋەتلىك يېڭى قانۇن لايىھەسىدە «ئەنگلىيە پۇقرالار ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى» كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا چېتىلىپ قالماسلىقى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، قايسى شىركەت بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىكەن. ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا زور كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتمەكتىكەن.