ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان ئەنگىلىيەدىكى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى تەكشۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-05-16
Share

ئەنگىلىيەدىكى «كۆزىتىش گۇرۇپپىسى» ناملىق بېجىڭپەرەس بىر ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈلگەن. ئەنگىلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بېيجىڭپەرەس پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان بۇ تەشكىلات لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن 55 مىڭ دوللار ياردەم پۇلى ئالغان ئىكەن. خەۋەردە لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى سادىق خاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر پائالىيەتتە خوڭكوڭلىقلارغا قارشى خىتاي بايرىقىنى لەپىلدىشى ۋە بۈۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر مەسئۇلىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىدىن كېيىن، تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بوبى چەن بىلەن پېڭ خۇا تەشكىلاتنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئەتلىكىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، بۇ قارار ئەنگىلىيەدىكى خوڭكوڭ مۇساپىرلىرىنىڭ «مەمنۇنىيەت» بىلەن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. خەۋەردە بو بى چەننىڭ 2019-يىلى خوڭكوڭلۇق ناخشىچى دېنىس خونىڭ لوندوندا ئۆتكۈزگەن كونسېرتىدا زالىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خىتاي بايرىقىنى چىقىرىپ لەپىلدەتكەنلىكى ۋە كونسېرتقا كىرگەن تاماشىبىنلارنى «سۈۋەرەك» دەپ تىللىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئەتلىرىدىن پېڭ خۇا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە سوئال قويغان، شۇنداقلا ئۇ يەنە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ باستۇرۇلۇشىنى قوللىغان ئىكەن.

خەۋەردە 1990-يىللاردىن بېرى ئەنگىلىيەدىكى ئىرقىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە يېتەكچىلىك رول ئويناپ كەلگەن «كۆزىتىش گۇرۇپپىسى» نىڭ جوسېف روۋنترى خەير-ساخاۋەت فوندى، جورجى سوروسنىڭ ئوچۇق جەمئىيەت قاتارلىق ئاساسلىق ساخاۋەت فوندىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك مىقداردا ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. «تېلېرگراف» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خاننىڭ ئىشخانىسى نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى ۋە «ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى» نىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت